خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ يېغىنغا قاتناشتى؟
2007.05.14
يېقىندا مسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى شارم ئەلشەيخ شەھىرىدە ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يېغىن توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان سىياسىي مۇلاھىزىچى دوختۇر مۇھەممەت شەمسىددىن مۇگالوماتىس، بۇ يېغىندىن ئىراق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور مۇگالۇماتىس 5-ئاينىڭ 14- كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئامېرىكا كرونىكەل گېزىتىدە ئېلان قالغان ماقالىسدە، يېغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئىراقتىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ، ئىراقتا تىنچلىقنى تىكلەش ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى دەپ كۆرسەتكەن.
دوكتور مۇگالۇماتىس ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېغىنغا قاتناشقانلىقىنى بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى قىلىپ كۆرسىتىپ،" خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ يېغىنغا قاتناشتى؟ بىز، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىلليونلىغان تۈركى خەلقلەرنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ يېغىندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىگە قانداقمۇ ئىشىنىمىز ؟ تۇرپاندىكى، خوتەندىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويمىغان خىتاينىڭ،كەركۈك ۋە مۇسۇلدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟" دەپ تەكىتلىگەن.
ماقالىسىدە، شارم ئەلشەيختىكى يېغىنغا، ئىراق مەسىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان نۇرغۇن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇگالوماتىس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېغىندا ئىراق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كونكرېت قارارلار قوبۇل قىلىنمىغان" دەپ كۆرسەتكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى
- ئىراقتا ئىنسانپەرۋەلىك كىرىزىسى ئېغىرلاشماقتا
- ئىراقتا يۈز بەرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە 40 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
- باغداتتىكى پارتلاشلار داۋاملاشماقتا
- ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار يەنىلا داۋاملاشماقتا
- شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج سەپىرىدە پارتلاش ۋەقەلىرى كەينى -كەينىدىن يۈز بەرمەكتە
- ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى مەزھەپلەر ئۇرۇشىنى ئەيىبلىدى
- ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بېلايىر ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلدى