ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۆلۈم يېتىم ئەھۋاللىرى داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەنبە كۈنى بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئىراقتا 11 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۇچۇرغا قارىغاندا، باغداتنىڭ غەربىي شىمالىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان بىر ماشىنىنىڭ يېنىدا پارتلىغان بومبا زەربىسىدىن ئاز دېگەندە تۆت ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ۋە بىر نەپەر تەرجىمان ئۆلگەن. شۇ كۈنى يەنە باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۆت نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى مىنا پارتلاش ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يەنە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى تىكرىت شەھىرىدە ئۆگەن، ئىككى نەپەر ھەربىي خادىم ئېغىر يارىلىنىپ، ساقىيالماي ۋاپات بولغان.
يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ئىراق ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى بىرلىكتە باغداد قاتارلىق جايلاردا توپىلاڭچى كۈچلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، 4 نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكەن توپىلاڭچىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 14 نەپەر گۇمانلىق ئۇنسۇرنى قولغا ئالغان. (ئۈمىدۋار)