تالابانى خىتايدىن قورال سېتىۋېلىپ ساقچىلارنى قوراللاندۇرماقچى

ئىراق پرېزىدېنتى جالال تالابانى خىتاينى بىر ھەپتە زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەرزان باھادا قورال سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سۇلايمانىيىدىن 27 ‏- ئىيون كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پرېزىدېنتى تالابانى مۇخبىرلارغا 'سادام يىقىتىلغاندىن كېيىن، سۈننىي توپىلاڭچىلىرى ئىراق ساقچىلىرىنى نىشانلاپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، خىتايدىن سېتىۋالغان قوراللار بىلەن ساقچىلار قوراللاندۇرىلىدۇ، قورال سېتىۋېلىش مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالىنىپ بولدى' دېگەن. تالابانىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇرۇن ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بۇيىچە، پات- ئارىدا ئىراقنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە نېفىتلىك ئاچىدىكەن.

تالابانىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى، ئىراق بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1958 ‏- يىلى دېپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىلغاندىن بۇيان ئىراق پرېزىدېنتىنىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(ۋەلى)