خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى


2007.07.26

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ خىتايدا ياسالغان قوراللارنىڭ ئىران ئەتكەسچىلىك يوللىرى بىلەن ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ قوللىرىغا يەتكۈزىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بايانىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ": بىر قىسىم دۆلەتلەر جۇڭگۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن نورمال ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ كەلمەكتە، قورال ‏- ياراق ئەتكەسچىلىك ئىشلىرى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، بۇنداق ۋاستىلەر بىر نومۇسسىزلىق ، بۇنىڭغا جۇڭگۇ تەرەپ قەتئىي نارازىلىق بىلدۈرىدۇ" دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قوراللارنى قانۇنىي ھاكىمىيىتى بولغان دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەزەلدىن دۆلەت ھاكىمىيىتى بولمىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى قورال بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ليۇ جەنچاۋ ، خىتايدا ياسالغان قوراللارنىڭ ئىراقتا بايقالغانلىق مەسىلىسىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىدى .

4 كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەتلەر قىسىمىنىڭ باياناتچىسى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق چېگرىسى ئىچىدە ئىراندىن ئىراققا ئەتكەس يوللار ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن خىتاي قوراللىرىنى بايقىغانلىقىنى، بۇ قوراللارنىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.