ب د ت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىراقتا ۋەزىيەت ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن ئورگانلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى چاقىردى

ئىراق ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇن، سايلام، مۇساپىرلار مەسىلىسى جەھەتلەردە كۆپلەپ ياردەم كۈتىدۇ. ئەمما، ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ھازىر ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كۆپ دۆلەت قىسىملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئەتشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالمايۋاتىدۇ، 2003 ‏- يىلىدىكى ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ، ب د ت خادىملىرىنىڭ ھاياتى يەنىلا خەۋپكە ئۇچراۋاتىدۇ ، دەپ قارىماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يۇقۇرقى سەۋەبنى كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىراقتا ۋەزىيەت ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئىدارە -ئورگانلىرىنى ئىراقتىن پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىرغان. (ۋەلى)