ئىراقتا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتا بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ زەخمىلەندۈرۈلۈش دائىرىسى تېخىمۇ زور بولماقتا. رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15 - ئاۋغۇست كۈنى باغداتتىن خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن (سەيشەنبە كۈنى)، ئىراقنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى كۇردلار رايونىدا، بىر كۈن ئىچىدە تۆت قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 200 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىغان، 300 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئادەم يارىلاندۇرۇلغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پارتلىتىلغان كۆۋرۈكنىڭ تېگىدە قالغان بىر نەچچە ئون ئادەمنىڭ ھايات-ماماتلىقى تېخىچە نامەلۇم.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراقنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى كۇردلار مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى پاجىئە كۇردلارنىڭ ئەڭ قەدىمى دىنى مەزھىپى دەپ ھېسابلىنىدىغان يەزىدىلار ئەڭ زىچ مەركەزلەشكەن جايدا يۈز بەرگەن. ئامېرىكا-ئىراق قىسىملىرى بۇ ۋەقەنى ئەل قائىدىچىلەر پىلانلاپ ئېلىپ بارغان دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)