ئىراقتىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا


2007.08.23

ئىراق ساقچى دائىرىلىرى، سۇنىي ئەرەبلەر بىلەن ئەل قائىدە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا باغداتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باككۇبا شەھىرىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 23 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئەل قائىدە كۈچلىرى ئىككى كەنتكە ھۇجۇم قىلىپ، 3 نەپەر ياشنى ۋە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامىنى ئۆلتۈرگەن. باككۇبا ئاھالىسى ئەل قائىدە كۈچلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئەل قائىدە ئەزالىرى 5 ئايالنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشمە قوشۇن پەيشەنبە كۈنى باككۇبا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە شەھەرلەردە ھەربىي ھەركەت قوزغاپ، ئەل قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار تېررورلۇق گۇماندارىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 10 كىشىنى قولغا ئالغان. چارشەنبە كۈنى ساقچى ئىدارىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 24 ئادەم ئۆلگەن، 80 ئادەم يارىلانغان.

بۇ ئارىدا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ پات ئارىدا ئىراق ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. پەرەزلەرگە قارىغاندا، دوكلاتتا ئىراق باش مىنىستىرى مالىكىنىڭ ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كەلمىگەنلىكى شۇڭا ئىراقتىكى بىرلەشمە قوشۇننى چېكىندۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنىدىكەن.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.