ئىراقتا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ئۆلگەن


2007.10.06

جۈمە كۈنى، ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن باغداتنىڭ شىمالى رايونىغا جايلاشقان جەزيانى ئەلئىمام يېزىسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بار ئىكەن.

لېكىن ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئىران بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان مىلىتانت شىيە بىر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جەزيانى ئەلئىمام يېزىسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بىلەن يېزىدىكى قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان. ئاساسلىق قىسىمى شىيىلەردىن تەشكىل تاپقان يېزا قوغدىغۇچىلىرى، بۇندىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم سۇننى مىلىتانت گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يېزىغا يېقىنلاشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى، ئەلقائىدە تەشكىلاتى مىلىتانتلىرى دەپ ئويلاپ، ئوققا تۇتقان. ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ياردەم تەلىپىگە ئاساسەن، ئامېرىكا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى مەزكۇر يېزىنى بومباردىمان قىلغان.

بومباردىمان نەتىجىسىدە يېزىدىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.