ئىراق ساقچى باشلىقى ساقچى فورمىسى كىيگەن ھۇجۇمچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى
2008.01.24
ئىراق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇل شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى چارشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ، پارتلاشتا ئاز دېگەندە 34 ئادەم ئۆلگەن، ئىراق ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قوزغىغۇچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساقچى فورمىسى كىيگەن ۋە ساقچى باشلىقىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۆزىنى پارتلاتقان.
پارتلاشتا يەنە ئىككى ساقچى قازا قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پارتلاش ھۇجۇمىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن . مەزكۈر پارتلاشتىن سىرت ، پەيشەنبە كۈنى باغداتنىڭ مەركىزىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى نەپەر ساقچى يول ياقىسىغا كۆمۈلگەن بومبا پارتلىشى سەۋەبىدىن ئۆلگەن.
گەرچە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، دۈشمەن كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تارقاق ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا قېيىنغا توختىماقتا. بولۇپمۇ چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ سۈيىقەسىتنى ساقچىچە ياسىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھۇشيارلىقىنى ئالاھىدە ئاشۇرۇشىغا سىگنال بولغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كەشمىر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى بازىسى بولامدۇ؟
- خۇ جىنتاۋ تەشۋىقاتتىن ئىبارەت «يۇمشاق قورال» دىن پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلدى
- گېرمانىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن نورمالىشىشقا باشلىدى
- ئامېرىكا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن ئاسىيادىمۇ پاي بازىرى قايتىدىن جانلاندى
- ئامېرىكا فېدىرال غەزىنىسى دوللارنىڭ ئۆسۈمىنى يەنە چۈشۈردى
- " لېنىن - رۇس مىللىتىنىڭ خائىنى "
- قاھىرەدىكى «تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان خىزمەتلىرى
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە سوغۇقچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى









