ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا


2007.06.19

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتنىڭ مەركىزىدىكى شىيە مۇسۇلمانلىرى مەسچىتىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 78 ئادەم قازا قىلغان. 190 ئادەم يارىلانغان.

ئىراق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن جاي ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سودا رايونى بولغانلىقى ئۈچۈن قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار سانى كۆپ بولغان. پارتلاشتا يالغۇز مەسچىتلا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ قالماي، ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكەن ھەمدە يولدا توختىتىپ قويۇلغان 13 ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن.

يېقىندىن بۇيان شيە مەسچىتلىرى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارغا دۇچ كەلمەكتە. گەرچە ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى باغداتتا يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى يولغا قويۇۋاتقىنىغا 4 ئايدىن كۆپرەك بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن ناچار بولۇپ، زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى توختىماستىن يۈز بەرمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ناسىرىيە شەھىرىدە ئىراق ساقچىلىرى بىلەن شىيە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىككى كۈنلۈك توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن.

بۇ ئارىدا ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا خەلق بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 60 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، توقۇنۇش جەريانىدا 50 تالىبان مىلىتانى ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.