باغداتتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان بىر رايوندا، شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ماشىنا پارتىلتىش ھۇجۇمىدا 60 ئادەم قازا قىلغان، 130 ئادەم يارىلانغان.
مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسى، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسەتكۈئەچىلەرگە تازىلاش ھەرىكىتىدىن كېيىن باغداتتا يۈز بەرگەن، ئەڭ كۆپ ئادەم قازا قىلغان بىر قېتىملىق ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە ئىراق ئارمىيىسى، چارشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە تازىلاش ھەرىكىتىدىن كېيىن، باغداتتىكى جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ 80 % ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرى يەنىلا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ بىر مۇددەت يوشۇرۇنۇپ، قايتا ھۇجۇم قوزغاش پىلانى تۈزىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
بۇ ئارىدا ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۇجۇملىرىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنىڭ ھالەكەتكە ئۇچراپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن 8 نەپىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان 22 سى يارىلانغان.
ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، بۇ ۋەقەنى دۈشمەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ، ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراشتىن بۇرۇن ئۇچقۇچىنىڭ، ئايروپىلاندا مەسىلە چىقتى دېگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىراق تالىبان كۈچلىرى، ئايروپىلاننىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. نۆۋەتتە، ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىمۇ كۈچەيمەكتە. (ئەقىدە)