ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىماقچى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان " دﯤ سەندى تېلېگراف" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ كېلەركى باش مىنستىرىدىن، 12 ئاي ئىچىدە ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

لېكىن ئەنگىلىيە مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئەنگلىيىنىڭ ئىراق سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

"دﯤ سەندى تېلېگراف" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا گوردوق براۋن، تونى بىلەييردىن ئەنگىلىيە باش مىنسىتىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئەنگىلىيە ئارمىيە باشلىقىلىرى، ئۇنىڭدىن ئىراق ۋە ياكى ئافغانىستاندىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى تېزدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى، تەلەپ قىلىدۇ، دېيىلگەن.

گېزىتىنىڭ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەنگىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئەنگىلىيە ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ئىكەن. ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىن ياكى ئافغانىستاندىن ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ھەربىي باشلىقىلىرى، ئىراقتىن ھەربىي قىسىملارنى چىكىندۈرۈشنى قارار قىلغان. (ئۆمەر قانات)