ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، پەيشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز باغداتقا يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كوندالىزا رايىس، بۇ قېتىم ئىراققا قاراتقان زىيارىتىنى ئالدىن خەۋەرسىز ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ مەزكۈر زىيارىتى جەريانىدا ئىراق ۋە ئامېرىكا خادىملىرى بىلەن، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
رايىسنىڭ زىيارىتى، ئىراقتىكى زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى. 4كۈندىن بۇيان ئىراقتا 20 نەچچە ئامېرىكا ئەسكىرى قازا قىلغان، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىر باياناتچسى، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە باغداتتا يۈز بەرگەن پارتلاش ھۇجۇملىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى، ئانبار ئۆلكىسىدە بىر قىسىم قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئىراق ھۆكۈمەت خادىملىرى نۆۋەتتە، ئۆلتۈرۈلگەن دۈشمەن كۈچلىرى ئارىسىدا ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئابۇ ھامزا ئەل - مۇھاجىرنىڭ بار ، يوقلىقىنى تەكشۈرمەكتە.