ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان سايلامنىڭ، دەسلەپكى بېلەت ساناش خىزمەتلىرى ئاياقلاشتى


2005-02-01
Share

ئىراق سايلام خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا تاشلانغان بېلەتلەرنى ساناش خىزمىتى ئاياقلاشقان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى سايلام نەتىجىسى باغداتقا يەتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

سايلام خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سايلام كومىتېتى سايلام نەتىجىسىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى نەتىجە بىلەن سايلىنىپ چىققان 275 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، ئاز دىگەندە 10 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.

دۈشەنبە كۈنى، ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىر ئالېۋېي: " ئىراقتا نەچچە ئون يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ سايلام، ئىراقتىكى زوراۋان كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بەردى" دەپ كۆرسەتتى.

بىراق، تېررورچى زاركاۋېي يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر ئېنتېرنەت تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاداققىچە كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت