ئىراق پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
2005.12.15
ئىراق پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. مۇناسىۋەتلىك سايلام خادىملىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلام ئاساسىي جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بېلەت تاشلاشقا كەلگەن كىشىلەرمۇ كۆپ بولغان ھەمدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمىگەن.
سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ھەمدە ئامېرىكا، ئىراق ئەسكىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىراق دائىرىلىرى ئىراقتىكى بارلىق كوچىلاردا ماشىنا مېڭىشنى چەكلىگەن.
بۇ قېتىملىق سايلام ئارقىلىق ئىراق پارلامېنتىدىكى 275 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىدۇ. بۇ سايلامغا نۇرغۇن سۇننىي مۇسۇلمانلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە سايلامغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۈننىي مۇسۇلمانلىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى سايلامغا قارشىلىق كۆرسىتىپ قاتنىشىشقا ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتتە ھېچقانداق ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىغا بېلەت تاشلاشقا كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، سايلام خادىملىرى شۇ كۈنى بېلەت تاشلاش ۋاقتىنى بىر سائەت كەينىگە سۈرگەن. سايلام نەتىجىسى يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئىراقتا ھازىرغىچە 30 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا قوشۇنى ئىراقنىڭ غەربىدە زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى
- ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرى خەلقئارادىن تۈرمە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
- باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلدى