ئىراق سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان پۇقرالار70% دىن ئاشتى
2005.12.16
ئىراق سايلام دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئىراق پارلامېنت سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان پۇقرالار 70% دىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئىراق سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى فارىد ئايار، دەسلەپكى ستاتىستىكىلار 10 مىليوندىن 11 مىليونغىچە ئىراقلىقنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، دەيدۇ.
نۆۋەتتە بېلەت ساناش داۋاملاشماقتا. سايلام نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە كېتىشى مۇمكىن. خەلقئارا كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلار، سايلامنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق سايلام تەرتىپى ۋە سايلامدىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
بۇ قېتىمقى سايلام ئىراقتا بىر يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان 3 - قېتىملىق سايلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىراق سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى، ئىراققا ئوخشاش بىر يىل ئىچىدە 3 - قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك دۆلەتلەردىمۇ زور مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سايلام ئىراقتىكى سۈننىيلەرنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەمما سۈننىيلەر بۇ قېتىمقى سايلامدا بېلەت تاشلىدى. بۇ قېتىمقى سايلام ئىراق پارلامېنتىنىڭ 275 نەپەر ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدۇ.
ئىراق مىللەتچى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى پۇقرالارنى بېلەت تاشلاشقا ئۈندەپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنى شىئەلەر ۋە كۈردلەرنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا دائىرىلىرى سايلامنى ئىراق دېموكراتىيە مۇساپىسىدىكى زور غەلىبە، دەپ قارىماقتا. پرېزىدېنت بۇش سايلامنى " تارىخىي ۋەقە" ، دەپ تەرىپلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئىراقتا ھازىرغىچە 30 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا قوشۇنى ئىراقنىڭ غەربىدە زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى
- ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرى خەلقئارادىن تۈرمە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى