پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمى، پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ 2008- يىلى ئىيۇل ئېيىغىچە ئىراقتىن 5 ئامېرىكا ھەربىي بىرىگادىسىنى چكىندۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ئىراقتا 20 ئامېرىكا ھەربىي بىرىگادىسى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنتى بۇش، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال دېۋېد پېترىياسنىڭ ئىراقتىن بەزى ئامېرىكا ئۇرۇشچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. گېنېرال پېترىياس ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا ئىراقتىن 2200 نەپەر ئامېرىكا ئۇرۇشچى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى ۋە يىل ئاخىرىدا يەنە بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش مۇمكىنلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا 2008- يىلى ياز ئايلىرىغىچە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئۇرۇشچى بىرىگادىسىنىڭ سانىنى 20 دىن 15 گە چۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئىراقتىكى مەزھەپلەر ئارا توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن، پرېزىدېنت بۇش يانۋار ئېيىدا، ئىراققا 30 مىڭ قوشۇمچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
گېنېرال پېترىياس دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ۋە سەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنلىرىدا، ئىراققا قوشۇمچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئەۋەتىلىشىنىڭ، ئىراقتىكى مەزھەپلەر ئارا توقۇنۇشلارنىڭ ئازىيىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ مۇھىم سۈننىي ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان شەيخ ئابدۇلساتتارنىڭ بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ سۇننىيلەرنى ئۆز سېپىگە تارتىش پائالىيىتىگە قاتتىق بىر زەربە بېرىدىكەن شۇنداقلا بۇ سۈيىقەست ۋەقەسى ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ ھېلىمۇ مۇرەككەپ ۋە جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئەقىدە)