ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە ئىراققا ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرىسى ھارپىسىدا ئىراق ئۇرۇشىنى قوغداپ، " ئىراق ئۇرۇشى ئامېرىكىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلدى" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، "ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇدلىقى بارغانسىرى باشقا جايلاردىكى ئەركىنلىك بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالدى. سادام ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرىلىشى، ئىراقتا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ بىخ ئۇرۇشىغا يول ئاچتى. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئىراق ھۆكۈمىتى دۇنياغا ۋە ئىراق خەلقىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغان بولدى" دېدى. جورج بۇش يەنە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇدى.
ئىراق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە 1500 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى.
بۇ ئارىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىراق ئۇرۇشى باشلانغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. ئەنگلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر لوندوندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى ئىراق ئۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتلەرنى ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك، سان فرانسىسكو، چىكاگو قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۇرۇشقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. (ئارزۇ)