جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا، ئىككى ئايال تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 99 كىشى ئۆلدى.
ئىراق ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورچىلار، باغداتنىڭ ئىككى چوڭ بازىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بۇلىمىغان ئىككى ئايالنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە. ئاياللارنىڭ بەدىنىگە باغلانغان بومبىلار ئۇزاقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكۈنە بىلەن پارتىلىتىلغان.
ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى، شەنبە كۈنى باغداتتا بەرگەن باياناتىدا " ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ئىككى ئايالنىڭ ئەقلى ھۇشىنىڭ جايىدا بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەس" دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكى، جۈمە كۈنى باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ يېقىندىن بېرى ياخشىلىنىشقا باشلىغان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ھۇجۇملار، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ ئازيىشىغا سەۋەب بولغان.
جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار، ئۆتكەن يىلى 18- ئاپرىل كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ قانلىق ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن. 18- ئاپرىل كۈنى باغداد شەھىرى ۋە ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 191 كىشى ئۆلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)