باغداتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا 99 كىشى ئۆلدى
-
2008-02-02 -
-
-
جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا، ئىككى ئايال تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 99 كىشى ئۆلدى.
ئىراق ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورچىلار، باغداتنىڭ ئىككى چوڭ بازىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بۇلىمىغان ئىككى ئايالنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە. ئاياللارنىڭ بەدىنىگە باغلانغان بومبىلار ئۇزاقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكۈنە بىلەن پارتىلىتىلغان.
ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى، شەنبە كۈنى باغداتتا بەرگەن باياناتىدا " ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ئىككى ئايالنىڭ ئەقلى ھۇشىنىڭ جايىدا بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەس" دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكى، جۈمە كۈنى باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ يېقىندىن بېرى ياخشىلىنىشقا باشلىغان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ھۇجۇملار، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ ئازيىشىغا سەۋەب بولغان.
جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار، ئۆتكەن يىلى 18- ئاپرىل كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ قانلىق ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن. 18- ئاپرىل كۈنى باغداد شەھىرى ۋە ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 191 كىشى ئۆلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نازران شەھىرىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئافغانىستان، ئىراننى ئەيىبلىدى
- ئافغانىستاندا 20 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى
- بۇش ئىراننىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىدى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرققە قارىتا زىيارىتىنى باشلىدى
- سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئىران مەسىلىسىنى قايتا باھالىشى مۇمكىن
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرى تالىبانلار بىلەن يېڭى بىر مەيدان جەڭ قىلدى
- ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى
- ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى
- پاكىستاننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى