پرېزىدېنت بۇش ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى
2008.03.20
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىراق ئۇرۇشىنىڭ 5 يىلدىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيىتىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بىراق ئۇ يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت بۇش، پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا دۆلەت خەلقىغە نوتۇق ئېلان قىلىپ، ئىراقتا دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز خوشال ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئىراققا يەنىلا ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇش سۆزىدە، ئىراننىڭ، ئىراق ئىچىدىكى رادىكال كۈچلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىراقتىكى قوشۇننى چېكىندۈرۈپ چىقىشنىڭ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنى تېررورچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىك بىلەن تەڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قىسقارتىشقا ئوخشاش ھەر قانداق بىر ئىستراتېگىيىنىڭ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىراق خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى ئىراقنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا قوماندانلىق قىلىۋاتقان قوشۇننىڭ يەنىلا بىر مۈددەت ئىراقتىن ئايرىلماسلىقىنى تەشەببۈس قىلىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئادېمىرالى فاللوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى مۇنازىرە قوزغىدى
- پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس "ئىسرائىلىيە بىلەن قايتا سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى - ئۇرۇشنى توختىتىش" دەپ كۆرسەتتى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- تۈركىيە شىمالىي ئىراقتىكى كۈرد پارتىزانلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى
- باغداتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا 99 كىشى ئۆلدى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى ئاياغلاشتى
- بۇش ئوتتۇرا شەرىقتىكى زىيارىتىدە تېنچلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
- بۇش ئىراننىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىدى
- پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- پرېزىدېنت بۇش كۈۋەيتتىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- پرېزىدېنت بۇش ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىدۋار