نيۇ-يوركنىڭ قاتناش ئورۇنلىرىدىكى چوڭ ئىش تاشلاش يەنە داۋام قىلماقتا

نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ قاتناش ئورۇنلىرىدىكى چوڭ ئىش تاشلاش چارشەنبە كۈنى يەنە داۋام قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بارلىق يەر ئاستى پويېز ۋە قاتناش ماشىنىلىرى توختاپ كەتكەچكە، نيۇ-يوركتىكى قاتناش ۋاستىلىرىغا تايىنىدىغان نەچچە مىليون كىشى پىيادە ياكى ۋېلسىپىتتە ئىشقا بېرىشقا مەجبۇر بولدى.

نيۇ-يورك شىتاتىنىڭ قانۇنىدا ئاممىۋىي ئورۇنلارنىڭ ئىش تاشلىشى چەكلەنگەن. ھازىر نۇرغۇن قانۇن ساھەسىدىكى كىشىلەر بۇ قېتىملىق ئىش تاشلاش ۋەقەسى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىشچىلار ئويۇشمىسىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا نيۇ-يوركتىكى بىر سوتچى ئىشچىلار ئويۇشمىسىغا 1 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى. لېكىن ھازىرغىچە ئىشچىلارنىڭ خىزمەتكە چۈشىدىغان شەپىسى كۆرۈنمىدى.

بۇ قېتىملىق ئىش تاشلاش، قاتناش ئىشچىلار ئويۇشمىسى بىلەن قاتناش ئىدارىلىرى ئۆتكۈزگەن ئىشچىلارنىڭ تەمىناتى توغرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجە ھاسىل قىلالمىغانلىقىدىن شەكىللەنگەن. نيۇ-يورك شەھەر باشلىقى ئىش تاشلاش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنىڭ كۈنىگە ئاز دېگەندە 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (پەرىدە)