روسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن بىر رۇس فىزىكا ئالىمىنى 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى يېپىق سوت ئېچىش ئارقىلىق، رۇسىيە ئالىمى دانىلوفنىڭ رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتىنى تۇرغۇزغان.
2001 - يىلى قولغا ئېلىنغان رۇس ئالىمى دانىلوف ئىلگىرى ئۆزىنى ئاقلاپ، خىتايغا تەمىنلىگەن ھۆججەتلەرنىڭ پەقەت ئاممىۋى ماتېرىياللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.(ئارزۇ)