سابىق خىتاي دىپلوماتى ئاۋسترالىيىدە خىتاي ئىشپىيونلۇق تورى بارلىقىنى بىلدۈردى
2005.06.06
خىتايدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي دىپلوماتى چىن يۇڭلىن ئاۋسترالىيىدە خىتاينىڭ 1000 دەك كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئىشپىيونلۇق تورى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇنى، شەنبە كۈنى سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىدە ئاشكارىلىغان. 37 ياشلىق چىن يۇڭلىن ئەسلىدە خىتاينىڭ سېدنىيدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل كونسۇلى بولۇپ، ئۇ خىزمەت مۇددىتى توشۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.
چىن يۇڭلىن ئۆزىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشىدىكى سەۋەبنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش قىلمىشىغا چىداپ تۇرالمىغانلىقتىن دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ ئاۋىسترالىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇنى ئاۋىستىرالىيىدە قېلىش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلماقتا دەپ ئەيىبلىمەكتە.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەمما ئۇ قوغداش خاراكتېرلىك ۋىزىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
چىن يۈلىڭنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ۋاقتى دەل، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئىلتىماسى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىتىنى مۆلچەرلىدى
- خىتاي ئامېرىكىدىكى ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- روسىيە سوت مەھكىمىسى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلغان روس ئالىمىنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى
- تەيۋەن دائىرىلىرى ئۈچ كىشىنى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتتى