ئامېرىكا خىتاينى ئەڭ چوڭ ئىشپىيونلۇق تەھدىتى دەپ قارايدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 6- مارت خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئوغرىلاشنى نىشان قىلغان ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاكتىپ ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوئىل برېننېر، ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىگە ئېيتقان سۆزلىرىدە، كۇبا، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ : " بۇ ئورگانلار بىزنىڭ نىسىۋىمىزنى يەۋاتىدۇ" دېگەن . ئۇ يەنە، خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاشتا " ناھايىتىمۇ قاراملىق بىلەن " ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار دائىم بىز تېخى تېخنىكىلارنى تولۇق تەرەققى قىلدۇرۇپ بولغىچە قولغا چۈشۈرۈپ بولىدۇ، دەيدۇ.

جوئىل برېننېرنىڭ ئىدارىسى ھازىر كاتىرىنا لياڭ ئەنزىسىنىڭ زىيانلىرىنى باھالاۋاتقان ئىكەن. كاتىرىنا لياڭ لوس ئانجىلسلىق سودىگەر ئايال بولۇپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىسى ئىدى. ئۇ 2003 ‏- يىلى بېيجىڭغا جاسۇس بولۇپ ئىشلەپ بەرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.

جوئىل برېننېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، كاتىرىنا لياڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ مەخپىي خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى جەيمىس سمىت ۋە بىل كلېۋىلاندلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

" مانا بۇ ھەقىقىي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى، ناھايىتىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان تىپىك "شىرىن توزاق" جاسۇسلۇق ھەرىكىتى" دەيدۇ جوئىل برېننېر. (جۈمە)