ئامېرىكىدىكى تۈنجى مەسچىتنىڭ ئىزناسىغا يېڭى مەسچىت سېلىندى

‎ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ‎شىمالىي داكوتا شىتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن لىۋانلىق كۆچمەنلەر تۈنجى بولۇپ بۇ يەرگە ‎مەسچىت سالغان. ‎

‎ ئەمما بۇ مەسچىت 70 - يىللاردا چېقىۋېتىلگەن. لىۋانلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ يىل ‎يازدا كونا مەسچىتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئورنىغا يېڭى مەسچىت قوپۇرغان. ‎

‎ خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىسلام دىنى ئامېرىكىدا ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان دىن بولۇپ، ‎پۈتۈن ئامېرىكىدا جەمئىي 1200 دىن ئارتۇق مەسچىتلار بار . كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار نيويورك ، ‎كالىفورنىيە قاتارلىق شىتاتلاردىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان . ‎

‎ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى، ئامېرىكىدا دەسلەپتە مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر كەيپىياتنى پەيدا ‎قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېرورچىلىق بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ھېچقانداق ‎مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى قاتتىق تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ‎تىرىشتى. پرېزىدېنت بۇش 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ چوڭ ‎مەسچىتكە بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر دىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ‎ھەمدە ئامېرىكا خەلقىنى ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشۈنۈشكە چاقىرغان ئىدى. (ئارزۇ)‎