تارىختا يۈز بەرگەن مەدەنىيەتسىزلىكلەرنى دىن كەلتۈرۈپ چىقارمىغان


2006.10.11

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنى داھىسى دالاي لاما 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئىسلام دىنىنى توپولاڭچىلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىدىغان ھادىسىلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇددىزىمچە ئەپۇچانلىق، سەۋرچانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ ھۈرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقان دالاي لاما سۆزىدە بەزى كىشىلەرنىڭ 'مەدەنىيەت توقۇنۇشى' دېگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، مۇسۇلمانلار دائىرىسىدىن چىققان بەزى كىشىلەر پەيدا قىلغان مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى ئالۋاستىغا ئوخشىتىدىغان ھادىسىلەرنى 'دۇرۇس ئەمەس' دەپ ئەيىبلىگەن.

دالاي لاما بايانىدا 'تارىختا مەدەنىيەتسىزلىك كۆپ بولغان، ‏ئەمما ئۇنى دىن كەلتۈرۈپ چىقارمىغان' دەپ تەكىتلەپلا قالماي، بەلكى 'ھازىر بىز تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئەسلەشتىن كۆرە، ھازىرقى رېئاللىققا نەزەر سېلىشىمىز ۋە رىيال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز لازىم' دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.