لىۋاندىكى مۇسۇلمانلار دانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىناسىغا ئوت قويدى

مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋىي سىزما رەسىمىنىڭ چىقىرىلغانلىقىغا نارازى بولغان لىۋاندىكى مۇسۇلمانلار بۇ رەسىمنى تۇنجى ئېلان قىلغان دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيرۇتتىكى ئەلچىخانا بىناسىغا ئوت قويىۋەتتى.

لىۋاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نامايىشى جۈمە كۈنىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، لىۋان ھەربىي دائىرىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇلار ئارقىلىق ، تاش ئېتىپ نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان نەچچە مىڭ نامايىشچىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. شۇنداقلا بېيرۇتتىكى خرىستىئانلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە كىشى يارىلانغان.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئافغانىستاندىمۇ مۇسۇلمانلار تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلەشتۈرۈلگەن ۇ رەسىمگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن . شۇنداقلا شەنبە كۈنى سۈرىيىدىكى نامايىشچىلارمۇ دانىيە ۋە نورۋىگىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىناسىغا ئوت قويغان ھەمدە شىۋىتسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىناسىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەن.

12 پارچە سىياسىي مەزمۇندىكى ھەجىۋىي سىزما رەسىملەر ئۆتكەن يىلى 9‏- ئايدا دانىيىدە دەسلەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا بۇ رەسىم ياۋروپادىكى بەزى گېزىتلەردە قايتا بېسىلغان. شۇنداقلا بۇ رەسىمدە، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بېشىدىكى سەللىسىگە بومبىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى پورتېرىت ئوبرازىنى چەكلەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان. (پەرىدە)