مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىمى غەزىپىنى قوزغىغان مۇسۇلمانلار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلدى
2006.02.06
تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش چاقىرىقىغا قارىماي مۇسۇلمانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىمى بەزى ياۋروپا گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارشى داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈردى. بەزى دۆلەتلەردە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى زوراۋانلىققا ئايلاندى.
ئافغانىستاندا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھىندىستاندا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار دانىيە بايرىقىنى كۆيدۈردى. كەشمىردە دۈشەنبە كۈنى نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋبىدىن سودا توختىغان. تېھراندا ئىرانلىق نامايىشچىلار ئاۋىسترىيە ئەلچىخانىسىغا كۆيدۈرگۈچ بومبا ئاتتى. ئۆتكەن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى سۈرىيە بىلەن لىۋاندا نامايىشچىلار دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەن. نورۋىگىيە بىلەن دانىيە سۈرىيە دائىرىلىرىنى نامايىشچىلارنىڭ ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسىمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى بولمىسا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پاكىستان بولسا 9 ياۋروپا دۆلىتىدىكى باش ئەلچىلىرىنى چاقىرتىۋالدى.
دانىيىدە چىقىدىغان " جىللاندس پوستېن" گېزىتى ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋى رەسىملىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى بەزى گېزىتلەر بۇ رەسىملەرنى قايتا باسقان. " جىللاندس پوستېن گېزىتى" مۇسۇلمانلاردىن ئەپۇ سورىغان بولسىمۇ، بىراق ۋەزىيەت بۇنىڭ بىلەن تىنجىمىدى. نامايىش ئافرىقىدىكى مالى، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن. ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، مۇسۇلمانلارنى " جىللاندس پوستېن گېزىتى" نىڭ ئەپۇسىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ دوستې بلازىي، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لىۋاندىكى مۇسۇلمانلار دانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىناسىغا ئوت قويدى
- دىنىي كەمسىتىشمۇ ياكى ئاخبارات ئەركىنلىكىمۇ ؟
- ئامېرىكىدىكى تۈنجى مەسچىتنىڭ ئىزناسىغا يېڭى مەسچىت سېلىندى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى