دانىيە باش مىنىستىرى راسمۇسسېن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇنجى قېتىم دانىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ھەجىۋى رەسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماجىرانى "يەر شارى خاراكتىرلىك كرىزىس" دەپ ئاتىدى. ئۇ، مۇسۇلمانلارنى زوراۋانلىقتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان. رۇسمۇسسېن، دىنىي ئەسەبىيلەر " مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى" پەيدا قىلىش كويىدا يۈرمەكتە، دەيدۇ.
ئۇ، سەيشەنبە كۈنى كوپېنخاگېندا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " بىز ھەجىۋى رەسىم مەسىلىسدە يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسكە دۇچ كەلمەكتىمىز " دېدى. ئۇ، دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ بۇ ماجىرادىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس، سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار " دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىراندىكى دانىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، " دانىيە خەلقى ئىسلامنىڭ دۈشمىنى ئەمەس. بىز باراۋەرلىكنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەر ياكى ئىسلامنىڭ دۈشمىنى، دەپ قارىلىۋاتىمىز. بۇنداق دىيىش توغرا ئەمەس. رادىكاللار ۋە دىنىي ئەسەبىيلەر مەدەنىيەت ۋە دىنىي توقۇنۇشنى كېڭەيتىش كويىدا يۈرمەكتە" دەيدۇ.
بۇ ئارىدا دانىيە ھۆكۈمىتى تېھراندىكى دانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە ئىران مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئىران دانىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلغان ۋە دانىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسۋىتىنى توڭلاتقان ئىدى. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جوھاننىس لېيتىنبېرگېر، دانىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ياۋروپا ماللىرىنى بايقۇت قىلىش بىلەن ئوخشاش، دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ جەرياندا نامايىشلار ئىسلام دۇنياسىدا سەيشەنبە كۈنى يەنە داۋام قىلدى. ئافغانىستاننىڭ غەربىي - شىمالىدا ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرى بىلەن ئافغانىستانلىق نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 ئافغان پۇقراسى ئۆلگەن. ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، نېگىرىيە،پاكىستانلاردا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نورۋىگىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن دەمەشقتىكى ئەلچىخانىسى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)