ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن دىننى ھاقارەتلەيدىغان قىلمىشلارنى چەكلەش توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى. مۇلاھىزىچىلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ قارار لايىھىسىنى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى دانىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتتا پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن كارتۇن رەسىملەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا بېرىلگەن بىر جاۋاب دەپ، قارىماقتا.
ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھىسىدە، 2001- يىلى 11- سېنتەبىر كۈنىدىن كېيىن، دۇنيادا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر ھەمدە ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان ھەرىكەتلەر ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىغا ئەزا ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمدە مۇسۇلمان بولمىغان بەزى دۆلەتلەر نىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي، 14 گە قارشى 24 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھىسىدە، ئىسلام دىنىنى تېررورلۇق ، زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىلىرىغا چېتىش ھەرىكەتلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.
قارار لايىھىسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن، ھەرقانداق بىر دىننى ياكى ئۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى ھاقارەتلەشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەمدە كىشىلەرنى مەلۇم بىر دىن ياكى ئۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قارشى ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈندەيدىغان ھەرىكەتلەرنى چەكلىشى تەلەپ قىلىنماقتا.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 9 دۆلەت تەرەپسىز قالغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمدە كانادا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۆز ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارار لايىھىسىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن. (قانات)