ئىسلام ئۆلىمالىرى رىم پاپاسىغا خەت يازدى


2006.10.13

رىم پاپاسى 16‏- بىندىكىتنىڭ 12 ‏- سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە زىيارىتى جەريانىدا رىگىنسبىرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام دىنى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئىسلام دۇنياسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. رىم پاپاسى بىر نەچچە قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، سۆزلىرىنىڭ خاتا تەبىرلەنگەنلىكىنى، بۇ سۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنى رەنجىتكەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۈمە كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى 38 ئىسلام ئالىمى رىم پاپاسى 16‏- بىنىدىكىتكە خەت يېزىپ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىي ۋە ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوسنىيا، خاراۋاتىيا، مىسىر، ئىئوردانىيە، كوسوۋا، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ئىراق قاتارلىق 10 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق دىنىي ئالىملار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ خەت يەكشەنبە كۈنى رىم پاپاسىنىڭ ئىئوردانىيىنىڭ پايتەختى ئامماندىكى ۋەكىلىگە بېرىلىدىكەن. خەتتە ئىسلام دىنىي ئۆلىمالىرى رىم پاپاسىنىڭ گېرمانىيىدە ئىسلام دىنى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى توغرىسىدا بەرگەن چۈشەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سۆزلىرى تۈپەيلى ئىسلام دۇنياسىدىن شەخسى كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنى توختىتىش ئۈچۈن يىتەرلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلس شەھىرىدە چىقىدىغان ئىسلامىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ رىم پاپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەشەببۇسىنىڭ بىر بىشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.