ئەتلەس كۆينەك كىيگەن ئىسلاندىيە ناخشا چولپىنى شاڭخەيدە تىبەت مۇستەقىللىقىنى كۈيلىدى


2008.03.04

bjork-150.jpg
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بجوركنىڭ ناخشا كېچىلىكى 2 - مارت يەكشەنبە كۈنى شاڭخەي خەلقارا گىمناستىكا مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. AFP Photo

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئىسلاندىيىلىك ئاممىۋى ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش چولپىنى بجورك، خىتايدا ئۆتكۈزگەن يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكىدە ئەتلەس كۆينەك بىلەن سەھنىگە چىقىپ، تىبەت مۇستەقىللىقىنى كۈيلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بجوركنىڭ ناخشا كېچىلىكى 2 - مارت يەكشەنبە كۈنى شاڭخەي خەلقارا گىمناستىكا مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بجورك ناخشا كېچىلىكىنىڭ خاتىمىسىدە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى مەزمۇن قىلىنغان " مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش" ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ تىبەت! تىبەت! دەپ يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلىگەن.

شاڭخەيدە ئولتۇراقلاشقان ئەنگلىيىلىك بىر تاماشىبىننىڭ تەسۋىرلىشىچە، كېچىلىككە قاتناشقان شاڭخەيلىك ئامما بۇنىڭدىن راھەتسىزلەنگەن بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي،ئارقا -ئارقىدىن كېچىلىكتىن چىقىپ كېتىشكەن.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم ئاخبارات دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر ھېچ قانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە،گەرچە ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنىڭ ئېيتقان ناخشىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگۈچىلەر ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ ئۇنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىنى كۈيلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىدىغان مۇنازىرىلەر خېلى كۈچەيگەن.

ب ب س نىڭ سۆرەتلىك خەۋىرىدە ئىپادىلىشىگە قارىغاندا بجورك ناخشا كېچىلىكىدە ئەتلەستىن كىيىم كىيىۋالغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر ۋەقەنى يوشۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى، بۇنىڭغا قارىتا سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئىپادىسى، بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل سەنئەتكارلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.