ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلدى
2006.07.17
ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاندىكى نىشانلارغا قارىتا ئىلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىسرائىلىيىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە لىۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 كىشىدىن ئاشتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ 195 نەپىرى بىگۇناھ پۇقرالار ۋە 12 سى لىۋان ئەسكەرلىرى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇملىرى جەريانىدا 440 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بېرى ئىسرائىلىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 24 كىشىگە يەتكەن.
بۇ ئارىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا باشلىغان ئۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە كۆرۈشۈش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدا يېغىن ئۆتكۈزدى. ئەمما بۇ يېغىندىن ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا جىددىي بىر قارار چىقىرىلمىدى.
لىۋاننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى نۇھاد مەھمۇد، ھەتتا بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى توختىتىشنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر قارار قوبۇل قىلالمىغان ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشنى تەنقىد قىلدى. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى، شەنبە كۈنىدىكى يېغىنىدىمۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بىر قارار قوبۇل قىلالمىغان ئىدى.
رۇسىيىنىڭ سانك پىتىسبۇرگ شەھىرىدە ئۇچراشقان دۇنيادىكى سەككىز تەرەققى قىلغان دۆلەت رەھبىرى، يەكشەنبە كۈنى بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىندىكى خاماس ۋە لىۋاندىكى ھىزبۇللانى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى باشلاتقان تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ئۇلار ئىسرائىلىيىدىن سەۋىرچان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىزبۇللا ئىسرائىلىيىنىڭ خايفا شەھىرىگە راكىتا ئاتتى، ئىسرائىلىيە بېيرۇتنى بومباردىلىدى
- ھەسەن نەسرۇللا ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلدى
- ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە
- ئىسرائىلىيە مەڭگۈلۈك چېگرا بېكىتىشنى قارار قىلدى
- خاماسنىڭ غەلىبىسى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە