ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنتى گازادىن چېكىنىش پىلانىنى ماقۇللىدى


2005.02.20

ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنتى يەكشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيول شارۇن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان گازادىكى يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى چېقىۋېتىش، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش پىلانىنى ماقۇللىدى. گەرچە ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنتىدا مەزكۇر پىلانغا ئۆكتە چىققانلار بولسىمۇ، بىراق پىلان ئاخىرقى ھېسابتا ماقۇللانغان.

ئارىيول شارۇن، چېكىنىش پىلانى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر قارار، بىراق بۇ ئىسرائىلىيىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر پىلان بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، پىلان بويىچە 8 مىڭ يەھۇدى پۇقراسى گازادىكى 21 يەھۇدىي مەھەللىسىدىن چېكىنىدۇ.

شۇ كۈنكى، يىغىندا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىغا ياسىلىۋاتقان 650 ك م ئۇزۇنلۇقتىكى مۇداپىئە تېمىنىڭ يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى ماقۇللاندى. گاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى مەزكۇر تامنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ ئېلان قىلغان. مۇداپىئە تېمى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان چېگرا سىزىقىنى بويلاپ ياسىلىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيە گازا بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى ئاچقان. ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى، بۇ تەدبىرلەر پەلەستىن تەرەپكە قارىتىلغان كونترولنى بوشىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىرى قىسىمى، دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە گازادىكى پەلەستىن زېمىنىدا 8 مىڭ يەھۇدىي پۇقراسى بىلەن، بىر مىليون 200 يۈز مىڭ پەلەستىن پۇقراسى ياشىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.