پرېزىدېنت بۇش، ئىسرائىلىيىگە يەھۇدىي مەھەللىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى
2005.04.12
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى تېكساستىكى شەخسى قورۇقىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيول شارۇننى كۈتۈۋېلىپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن زىمىنىدا يەھۇدى مەھەللىلىرىنى ياساش قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
پرېزىدېنت بۇش، ئىسرائىلىيىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق پىلانىغا چوقۇم ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا تىنچلىق پىلانىدا ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن زىمىنلىرىدا يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى قۇرۇشى چەكلەنگەن. پرېزىدېنت بۇش مۇنداق دېدى: مەن شۇنى ئۆزلۈكسىز ئەسكەرتىپ كەلدىم، ئىسرائىلىيە چوقۇم تىنچلىق يول خەرىتىسىگە ئەمەل قىلىشى شۇنداقلا غەربىي قىرغاقتىكى يەھۇدىي مەھەللىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى چەكلىشى كېرەك."
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارۇن، يېقىندا گازا ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى 8 مىڭ يەھۇدىي كۆچمەننى چېكىندۈرۈش پىلانىنى تەستىقلىغان. ئامما يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى جايلاردا 3 مىڭ يەھۇدىي قورۇسى قۇرۇشنى ماقۇللىغان ئىدى.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زىمىنلارنى تولۇقى بىلەن ئۆز ئىچىگە ئالمىغان پەلەستىن دۆلىتى، پەلەستىنلىكلەردە گۇمان تۇغدۇرىدىكەن. شارۇن، رايوندىكى يەھۇدىي مەھەللىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت بۇش، ئىسرائىلىيە -پەلەستىن چېگرىسىنى 1949 - يىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بويىچە ئايرىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ئامما ئۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى چوقۇم ئىسرائىلىيىلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم، دەپ ئەسكەرتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنتى گازادىن چېكىنىش پىلانىنى ماقۇللىدى
- پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى توقۇنۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە پات ئارىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن
- ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا
- شارون، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى