ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززىدىكى يەھۇدىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى


2005.08.16

يەھۇدىلارنىڭ غەززە رايونىدىكى ئولتۇراق جايلىرىدىن چىقىپ كېتىش ھەرىكىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغاندا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ، بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىشكە ئۇنىمىغان يەھۇدىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەززە رايونىدا ئولتۇراقلىشىۋالغان يەھۇدىلار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۆيلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ ماڭغان ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىنى توسىۋېلىپ، ئەسكەرلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان، نەتىجىدە ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى 50 كە يېقىن يەھۇدىنى تۇتۇپ كەتكەن.

غەززە رايونىدىن كۆچۈپ چىقىشقا ئۇنىمىغان يەھۇدىيلار ھەتتا ماشىنىلارنىڭ چاقلىرىغا ئوت قويۇپ، ساقچى ماشىنىلىرىغا ئوت يېقىلغان بوتۇلكىلارنى ئاتقان. توقۇنۇشتا ھازىرغىچە بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا، غەززىدە ئولتۇراقلىشىۋالغان يەھۇدىلار سەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن بۇرۇن غەززە رايونىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى بۇيرۇق قىلىنغان.

بۇ بۇيرۇقنى چىقارغان ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئارىئال شارون تېلېۋىزوردا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، "غەززە ۋە غەربىي قىرغاق رايونىدىن چىقىپ كېتىش تولىمۇ قايغۇلۇق بىر قەدەم. لېكىن بىز غەززە رايونىنى مەڭگۈلۈك ئىگەللەپ تۇرالمايمىز. چۈنكى ئۇ يەردە 1 مىليوندىن ئوشۇق پەلەستىنلىكلەر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ نوپۇسى ھەر ئون يىلدا بىر ھەسسە كۆپىيىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا غەززىدىكى پەلەستىنلىكلەر يەھۇدىلارنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن چوڭ بايرامغا تەييارلىق كۆرمەكتە، ھەتتا نۇرغۇنلىرى پەلەستىندىكى ھامماس قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نامايىشىغا قاتناشقان ھەمدە بۇ يەردىكى ئىسرائىلىيىلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا بايراقلىرىنى قادىغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.