ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ


2005.09.11

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 38 يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغان غەززە رايونىدىن قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنئ گىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاخىرقى قوشۇنى چېكىنىدۇ.

ئىسرائىلىيە گەرچە ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، بۇ جاينىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەخسۇس ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇشنى رەت قىلغان.

غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ 6 پولكى مەۋجۇت بولۇپ، جەمئىي ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى ۋە ئوفىتسېر بار ئىكەن. بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززە رايونىدىكى 21 يەھۇدىي مەھەللىسىدىكى 8 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى كۆچۈرۈپ كەتكەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ،1967-يىلىدىكى پەلەستىن –ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى نەتىجىسىدە بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىنلەر ئۇزۇن يىللىق قانلىق كۈرەشلەر نەتىجىسىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.