خەۋەرلەرگە قارىغاندا تېخى يېقىندىلا غەززە رايونىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى غەززەگە راكېتا بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، نەتىجىدە ئاز دېگەندە 22 ئادەم يارىلانغان ۋە 2 ئادەم ئۆلگەن.
ئىسرائىلىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىڭ " خاماس" تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسىغا قارىتىلگانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاتقان راكېتانىڭ غەززەدىكى ئاھالىلار زىچ رايوندىكى بىر مەكتەپكە چۈشكەنلىكى ئېيتىلماقتا. يارىدار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەن.
بب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەگە قاراتقان بۇ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى " تۇنجى يامغۇر" دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى غەززەدىكى " خاماس" تەشكىلاتىدىن راكېتا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش، قولغا ئېلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئىسرائىلىيە تەۋەسىگە كىرگۈزمەسلىك بىلەن ئۆچ ئېلىشنى پىلانلىغان ئىكەن.
شۇ ۋەجىدىن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى يەنە رامماللا ۋە خېۋرون قاتارلىق جايلاردا 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان. (ئۈمىدۋار)