ئىسرائىلىيىنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى، ئالغا پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئېخۇد ئولمېرت سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەمدى مەڭگۈلۈك چېگرا بېكىتىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئولمېرت سۆزىدە، ئىسرائىلىيىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلاردىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ يەنە، ئەگەر مەڭگۈلۈك چېگرا بېكىتىش مەسىلىسىدە پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن رەھبىرى ئابباس، ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئولمېرتنى بىر تەرەپلىمە ھالدا مەڭگۈلۈك چېگرا بېكىتىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ، " ئولمېرت بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچمىگىچە، ئىسرائىلىيىدىكى سايلام نەتىجىسى ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ" دېدى.
پەلەستىن ھۆكۈمىتىدە ھوقۇقنى قولغا ئالغان ھاماس تەشكىلاتى "ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك چېگرا بېكىتىشنى تەكىتلەيدىغان ئولمېرتقا بېلەت تاشلىشى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ناچار بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (پەرىدە)