ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختۇتۇش ۋە لىۋانغا خەلقئارا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى
2006.07.18
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىۋنى سەيشەنبە كۈنى لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختۇتۇش ۋە جەنۇبىي لىۋانغا خەلقئارا قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دېدى.
لىۋىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ھىزبۇللاھنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە جەنۇبىي لىۋانغا لىۋان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن. ئۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى چوقۇم 2 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ۋە ئىران بىلەن سۈرىيە ھىزبۇللاھنى قوراللاندۇرۇشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، دەيدۇ.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ سۆزلەرنى سەيشەنبە كۈنى ئېرۇسالېمدا ب د ت نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تەكىتلىدى. ب د ت جەنۇبىي لىۋانغا خەلقئارا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشماقتا. ب د ت باش كاتىپى كوفى، ھازىرقى جىددى مەسىلىدە جەنۇبى لىۋانغا خەلقئارا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش، دەپ كۆرسەتتى.
لىۋان پرېزىدېنتى لاھۇد، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھاسان نەسرۇللادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى بولسا لىۋاندىكى نىشانلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلماقتا. ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيە چىگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا داۋاملىق راكىتا ئاتتى. ئۇرۇش پارتىلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە لىۋان تەرەپتىن 230 دەك ئادەم ئۆلگەن. ئىسرائىلىيە تەرەپتىن ئۆلگەن 25 ئادەمنىڭ 12 نەپىرى ئەسكەر.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخۇد ئولمارت، ھىزبۇللاھ تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان 2 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى شەرتسىز قويۇپ بېرىلمىگىچە ۋە ھىزبۇللاھ قورالسىزلاندۇرۇلمىغىچە ئۇرۇش توختىمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)