ئىسرائىلىيە: ئىرانغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشىمىز مۇمكىن

ئىسرائىلىيىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەفرام سنەخ، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننى يادرو قوراللارنى ياساش پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرمىسە، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافرام سنەخ، بىر گېزىت مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاد، ئۆتكەن يىلى " يەھۇدىلار دۆلىتىنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش" توغرىسىدا تەھدىت سالغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخىد ئولمارتنىڭ باياناتچىسى مىرى ئەيسېن، ئىران "ئىسرائىلىيىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىدىغان يوشۇرۇن تەھدىت" دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچۈرۈشتە بەك ئاستا ھەرىكەت قىلماقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش پىلانىغا قارشى پوزىتسىيىسى ئالدىدا ئىككىلىنىپ قالدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدا دېموكراتلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت بۇشنىڭ كۈچى ئاجىزلىدى، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخىد ئولمارت دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىران يادرو مەسىلىسى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبەت تېمىسىدىكى تۈپ مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن. (ئەركىن)