غەززە رايونىدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەردىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىش ئاخىرقى مۇددىتى سەيشەنبە كۈنى كەچتە توشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى چارشەنبىدىن باشلاپ بۇ يەردىن كۆچمەي تۇرىۋالغان يەھۇدىيلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
غەززە رايونىدا ئولتۇراقلىشىۋالغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەردىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىش ئاخىرقى مۇددىتى سەيشەنبە كۈنى كەچتە توشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى چارشەنبىدىن باشلاپ بۇ يەردىن كۆچمەي تۇرىۋالغان يەھۇدىيلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
ھەربىي دائىرىلەر بۇ يەردىكى يەھۇدىي ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش بىلەن بىرگە، توپا تۈرتۈش ماشىنىلىرى بىلەن غەززىدىكى يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان نېۋﯤ دېكالىم دېگەن جايدىكى چېدىر ۋە تاملارنى ئۆرۈپ ماڭدى.
بۇ رايوندا ئىلگىرى 8500 يەھۇدىي ئاھالىسى ياشايدىغان بولۇپ، كۆچۈش بۇيرۇقى چۈشكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ يېرىمى كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى بۇ يەردە قېلىپ قالغان يەھۇدىيلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ يەنە 48 سائەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىئال شارون، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززىدىكى يەھۇدىيلارنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئاقىلانىلىقى ۋە سوغۇق قانلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ غەزىۋىنى ئەسكەرلەردىن چىقارماسلىققا چاقىردى. (پەرىدە)