ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا
2006.07.20
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇملار داۋامىدا ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن 5 ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ چېگرا ئاتلاپ، لىۋان چېگرىسى ئىچىدىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى تار - مار قىلىشنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان 8 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئورنى ۋە ئوق دورا ساقلاش ئامبىرىنى بىت - چىت قىلغانلىىقنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىككى نەپەر ئەسكىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى باھانە قىلىپ، لىۋانغا قارىتا قوراللىق ھۇجۇم ئېلىپ باردى. مەزكۈر ھۇجۇم بۈگۈنگە قەدەر لىۋاندا 310 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ جەڭچىلىرى، 29 ئىسرائىيىلىكنى ئۆلتۈرگەن.
ئىسرائىلىيە تەرەپ يەنە، لىۋاندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى داۋامىدا، ھىزبۇللا ھەرىكىتى ھەربى كۈچىنىڭ 50 % ىنى تارمار قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئاھۇت ئالمۇرتنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇم ، ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئەركىنلىككە چىققىچە داۋاملىشىدىكەن.
لىۋان ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيىنىڭ ۋە ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىشىنى تەشەببۈس قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ھەقتە بىر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسرائىلىيە لىۋانغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
- ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختۇتۇش ۋە لىۋانغا خەلقئارا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى
- دۇنيا رەھبەرلىرى لىۋاندا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا
- ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلدى
- ھىزبۇللا ئىسرائىلىيىنىڭ خايفا شەھىرىگە راكىتا ئاتتى، ئىسرائىلىيە بېيرۇتنى بومباردىلىدى