شارون پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە بىشارەت بەردى
2004.12.17
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىل شارون پەيشەنبە كۈنى ئاخشىمى ھەرزىلىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئەگەر پەلەستىنلىك مىلىتانتلار ئىسرائىلىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتسا، مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرالايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى سۆزىدە، ياسىر ئاراپاتنى تىنچلىق يولىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ دەپ ئەيىبلەپ، 2005 - يىلىنىڭ ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تولغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بىز نىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت تۇرىدۇ. يەنە قاچان بۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ كېلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، پەلەستىنلىكلەر بىلەن كېلىشىشىمىز كېرەك، دىدى.
ئەمما پەلەستىن رەھبەرلىرى شاروننىڭ سۆزلىرىدە يېڭى بىر نېمە يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. پەلەستىنلىكلەرنىڭ رەھبىرى ياسىر ئاراپاتنى راماللادىكى سارىيىدا ئۈچ يىلغا يېقىن قامال قىلىپ، ئۇنىڭ راماللادىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن ئارىل شارون ھۆكۈمىتى ياسىر ئەراپاتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى جىددىلەشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن فرانىسيىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئاراپات 11 – نويابىر كۈنى فرانسىيىدىكى ھەربىي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى.
ياسىر ئەراپاتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئورنىغا سايلىنىدىغان پەلەستىن رەھبىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2005 - يىلى 9 - يانۋار كۈنى ئاراپاتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان پەلەستىن رەھبىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن پەلەستىندە ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك كاندىدات پەلەستىننىڭ سابىق باش مىنسىتىرى مەھمۇد ئابباس ئىكەن (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى
- پەلەستىننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى مەھمۇد ئابباس ئوق ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالدى
- پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات راماللاغا دەپنە قىلىندى
- دۇنيا جامائەتچىلىكى ياسىر ئارافاتنىڭ ۋاپاتىغا ئىنكاس قايتۇردى
- پەلەستىن مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياسىر ئارافات ۋاپات بولدى
- پەلەستىن ياسىر ئارافاتنىڭ ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق كۆرمەكتە
- مىسىردىكى ئىسرائىلىيە ساياھەتچىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمدا 27 ئادەم ئۆلدى