ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ئارىئال شارون يېقىندا، يېڭىدىن سايلانغان پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس قوراللىق تەشكىلاتلارغا قارىتا ھەرىكەت قوللانمىغىچە، پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئارىئال شارۇن ئىشخانىسى ھەتتا مەھمۇد ئابباسقا تېلېفون ئېچىپ، ئۇنىڭ يېڭى رەھبەرلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن ئىدى. ئەمما يېقىندا پەلەستىن قوراللىق پىدائىيلارنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيە چېگرا پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ 6 نەپەر ئىسرائىلىيىلىكنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
بۇ ۋەقەنى پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباسمۇ ئەيىبلەپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ھەتتا پەلەستىن قوراللىق پىدائىيلىرىنىڭ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلماسلىقنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)