شارون، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى


2005.01.16

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيال شارون پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئىچكى كابېنتنىڭ يىغىنىدا،"ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى زۆرۈر تېپىلغاندا غەززە رايونىدا ھەر قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بارسا بولىدۇ" دىدى. ئۇ يەنە پەلەستىننىڭ يېڭى رەھبىرى مەھمۇد ئابباسنى "ئىسرائىلىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىدى" دەپ تەنقىدلىدى.

پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى 13 - چىسلا غەززە رايونىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ، 10 نەپەر ئىسرائىلىيىلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزگەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى شەنبە كۈنى سەككىز نەپەر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

شەنبە كۈنى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان مەھمۇد ئابباس، ئىككىلا تەرەپنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەھمۇد ئابباس چارشەنبە كۈنى پەلەستىندىكى قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ماقۇللاشقا چاقىرىدىكەن. پەلەستىن دائىرىلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيىنىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.