ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا
2005.02.03
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەرلەردىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋە نەچچە يۈزلىگەن پەلەستىن تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە قارار چىقاردى. بۇ قارار دەل كىلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى سۆھبىتىنىڭ ھارپىسىدا چىقىرىلغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم جەمئىي 900 دەك پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق قويۇپ بېرىلىدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ كونكرېت سانى ۋە ئۆلچىمى يەنىلا مۇزاكىرە قىلىنماقتا. بۇ، يېڭىدىن سايلانغان پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباسنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.
كېلەر ھەپتە ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى مىسىردا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلىرىغا خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
يىغىنغا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيال شارون ۋە پەلەستىن رەھبىرى مەخمۇد ئابباس قاتناشقاندىن سىرت، مىسىرنىڭ پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك ۋە ئىئوردانىيىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللامۇ قاتنىشىدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شارون، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى
- شارۇن پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى
- دۇنيا جامائەتچىلىكى ماھمۇت ئابباسنىڭ سايلانغانلىقىنى ئېھتىياتچان ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارشى ئالدى
- پەلەستىندە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- شارون پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە بىشارەت بەردى
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى
- پەلەستىننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى مەھمۇد ئابباس ئوق ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالدى
- پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات راماللاغا دەپنە قىلىندى