ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە پات ئارىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى 4 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىشى مۇمكىن.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىمنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيول شارۇن بىلەن پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس، سەيشەنبە كۈنى مىسىردا ئۇچراشقاندا ئىمزالايدىكەن. پەلەستىن تەرەپنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى سائاد ئەرەكات، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى مىسىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەرەكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلىشىم ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنى غەربىي قىرغاقتىن چېكىندۈرۈش شۇنداقلا تۈرمىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىگىمۇ چېتىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس شۇنداقلا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيول شارۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەر ئىككىلا تەرەپنى كېلىشىم تۈزۈشكە ئۈندىگەن.
سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى شارىم ئەل-شەيخ ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا ئىسرائىلىيە - پەلەستىن رەھبەرلىرىدىن سىرت، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن مىسىر پرېزىدېنتى ھۈسنى مۇبارەكلەر قاتنىشىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئامېرىكىلىق گېنېرال ۋلىيام ۋوردنى ئوتتۇرا شەرق سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇش، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارۇن بىلەن پەلەستىن رەھبىرى ئابباسنى ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلغان. (ئەركىن)