ھىزبۇللا ئىسرائىلىيىنىڭ خايفا شەھىرىگە راكىتا ئاتتى، ئىسرائىلىيە بېيرۇتنى بومباردىلىدى


2006.07.16

لىۋاندىكى ھىزبۇللا قوراللىق پىدائىيلىرى يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ شىمالىدىكى خايفا شەھىرىگە راكىتا ئاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلدى. بۇ ئارىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىمۇ لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىكى بومباردىمان ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى.

ھىزبۇللا تەرەپ خايفادىكى بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسرالىيىنىڭ لىۋاندىكى خەلقلەرگە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانكەشلىكلىرى بەدلىگە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ھىزبۇللا ئىسرائىلىيىنىڭ 3‏-چوڭ شەھىرى بولغان خايفا شەھىرىگە ئاز دېگەندە 20 راكىتا ئاتقان. ئۆلگەن 8 كىشىدىن باشقا يارىلانغانلارنىڭ سانىمۇ 20 دىن ئاشقان.

ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇمى، ھىزبۇللا قىسىملىرىنىڭ 2 نەپەر ئىسرالىيە ئەسكىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە 8ئىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە لىۋاندا 112 كىشى ئۆلگەن. لىۋاننىڭ خوشنا دۆلەتلىرىدىن ئىران بىلەن سۈرىيە ئارقا-ئارقىدىن ئىسرائىلىيىنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.